سېرگېي لاۋروۋ تۈركىيەنىڭ «تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى» ئۈستىدە توختالدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ تۈركىيەنىڭ چېگرا مۇداپىئەسىگە ئالاقىدار ئەندىشىلىرىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1285695
سېرگېي لاۋروۋ تۈركىيەنىڭ «تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى» ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېرگېي لاۋروۋ تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىغا قارىتا باشلىغان «تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى» ئۈستىدە توختىلىپ، تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە دائىر يوللۇق ئەندىشىلىرى بارلىقىنى تەكىتلىدى. 
سېرگېي لاۋروۋ: «چېگرا مۇداپىئەسىگە ئالاقىدار ئەندىشىلىرىنى چۈشىنىمىز» دېدى ۋە بۇ ھەرىكەتنىڭ ئامېرىكانىڭ رايوندا تاشلىغان قەدەملىرنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. 
تۈركىيە ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قاناللىرىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن لاۋروۋ، «ئالاقىلىشىپ تۇرماقتىمىز» دېدى.  
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ تۈركىيە بىلەن سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا دىيالوگ ئورنىتىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر