تېھران رىياد بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتىنى ئېلان قىلدى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن «رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ھەربىي چارىلەرگە تايىنىپ ئەمەس، سىياسىي يوللار بىلەن ھەل قىلىشنى تاللىغان تەقدىردە» كۆرۈشۈشلىرىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

1284729
تېھران رىياد بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇھەممەد جەۋاد زەرىف ئىران پارلامېنتى خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ «سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ ئىران بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئىراق ۋە پاكىستاننىڭ مۇرەسسەلەشتۈرگۈچى بولۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقى» توغرىسىدىكى سوئالىغا  «ئىران بىلەن كۆرۈشۈشكە قىزىقىۋاتقان سەئۇدىيلار، رايوننىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىنى قان تۆكۈش ئارقىلىق ئەمەس، سۆھبەت ئۈستىلى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تىرىشسا، ئىران ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ بەسرە قولتۇقى دۆلەتلىرى ئارىسىدا دىيالوگ مۇھىتى يارىتىشنى مەقسەت قىلغان «ھۇرمۇز تىنچلىق لايىھەسى» تەكلىپىنىمۇ خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن زەرىف، دۆلىتىنىڭ رايون دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان بۇنىڭدىن بۇرۇن بايانات بېرىپ، تېھران بىلەن رىياد ئارىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى سىياسىي ۋە تىنچ ئۇسۇلدا ھەل قىلىشنىڭ ھەربىي چارىلەرگە تايىنىپ ھەل قىلىشتىن ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدە، ئىراقنىڭمۇ ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئارىسىدا مۇرەسسەلەشتۈرگۈچىلىك رولىنى ئويناش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلمەكتە.

پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خانمۇ ئۆتكەن ئاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ 74 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان نيۇ يوركتا ھەم ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ھەم سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ ئۆزىدىن ئىران بىلەن رىياد ئارىسىدىكى سوغۇقچىلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇرەسسەلەشتۈرگۈچىلىك رولىنى ئوينىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر