«خىتاي ئارمىيەسى خوڭكوڭغا مۇداخىلە قىلىشى مۇمكىن»

خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋالىيسى كەررېي لام ئىسيانلار يەنە يامانلىشىۋېرىدىغان بولسا، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ خوڭكوڭدا مۇداخىلە قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

1283867
«خىتاي ئارمىيەسى خوڭكوڭغا مۇداخىلە قىلىشى مۇمكىن»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەررېي لام ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە ئۆزى ھەل قىلىش چارىسى تېپىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، خوڭكوڭدا ئەھۋال يامانلىشىۋېرىدىغان بولسا، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ نامايىشنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن خوڭكوڭغا كىرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋالىيسى كەررېي لام تۆت ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ۋە زورۋانلىق نىسبىتى ئېشىۋاتقان نامايىشلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن دېموكراتىيە ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان تىنچ ھەرىكەت ھېسابلانمايدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە دىيالوگنىڭ داۋاملىشىش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

تۈنۈگۈن (7-ئۆكتەبىر) خوڭكوڭدىكى نامايىشتا 2 نامايشىچىنىڭ ماسكا تاقاشنى چەكلەش قانۇنىغا بويسۇنمىغانلىقى سەۋەبىدىن نازارەتكە ئېلىنغانلىقى ۋە كېيىنچە كاپالەتكە قويۇپ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. 

خوڭكوڭ ۋالىيسى كەررېي لام ھۆكۈمەتنىڭ نامايىشچىلارغا تۇتىدىغان پوزىتسىيەنى تېخىمۇ قاتتىق ھالغا كەلتۈرۈپ، نامايشچىلارنىڭ ماسكا تاقىشىنى رەسمىي چەكلىگەن ئىدى.

ماسكا تاقاشنى چەكلەش قانۇنى ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى خوڭكوڭدا مىڭلىغان كىشى ماسكا تاقاپ يۈرۈش قىلغان ئىدى.

نامايىشچىلار «ماسكا تاقاشنى خالايمەن!» ۋە «ماسكا تاقاش جىنايەت ئەمەس!» دەپ شوئارلار توۋلىغان ئىدى.

خوڭكوڭدا نۇرغۇنلىغان پائلىيەتچىلەر ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ، «ماسكا تاقاشنى چەكلەش تەتۈر تەسىر پەيدا قىلىدۇ، ھېچقانداق ئىشقا يارىمايدۇ ۋە ئىجرا قىلىنىشىمۇ قىيىن» دەپ قارايدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.


خەتكۈچ: #خوڭكوڭ , #خىتاي

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر