گۇھا رىيادتا ئادىل ئەلجۇبەير بىلەن يەمەن كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئادىل ئەلجۇبەير، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) رىياسەتچىلىكىدىكى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىش كوردىناتسىيە كومىتېتى باشلىقى ئابھىجىت گۇھا بىلەن يەمەن كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

1283887
گۇھا رىيادتا ئادىل ئەلجۇبەير بىلەن يەمەن كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئابھىجىت گۇھا، ب د ت نىڭ يەمەن ئالاھىدە ۋەكىلى مارتىن گرىفىتس تەرىپىدىن ۋەزىپە تەيىنلەنگەندىن كېيىن، يەمەن كىرىزىسىغا ئالاقىدار تۇنجى ئۇچرىشىشىنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتىن باشلىدى.

ئادىل ئەلجۇبەير بىلەن قايتىدىن تەرتىپكە سېلىش كوردىناتسىيە كومىتېتى باشلىقى ئابھىجىت گۇھانىڭ ئۇچرىشىشىدا، يەمەندىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر، كىرىزىسنى ھەل قىلىش يولىدا قىلىنىۋاتقان خىزمەتلەر ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەن خەلقىگە قىلىۋاتقان ياردەملىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

يەمەندىكى تەرەپلەر، ب د ت ھىمايىسىدە شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا 2018 – يىلى 6 – دېكابىردىن 13 – دېكابىرغىچە چاقىرىلغان كېڭەش يىغىنىدا ئەسىر ئالماشتۇرۇش، ھۇدەيدەدە ئۇرۇش توختىتىش، پورتلار ۋە تەئىز توغرىسىدا كېلىشىملەر ئىمزالانغانىدى.

ھىندىستانلىق گۇھا، 5 – ئۆكتەبىردە دانىيەلىك گېنېرال مايكېل ئانكېر لولېسگائاردنىڭ ئورنىغا خىزمەتكە تەيىنلەنگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر