گوللاندىيە بىر كوچىغا سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشقجىنىڭ ئىسمىنى قويدى

گوللاندىيە لەھەيدىكى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەلچىخانىسى ئورۇنلاشقان كوچىغا سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشقجىنىڭ ئىسمىنى قويدى.

1280900
گوللاندىيە بىر كوچىغا سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشقجىنىڭ ئىسمىنى قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ لەھەيدىكى ئەلچىخانىسى ئورۇنلاشقان «پادىشاھ قانىلى» ناملىق كوچىغا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ گوللاندىيە شۆبىسى تەرىپىدىن (ئالدىنقى يىلى ئىستانبۇلدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىدا ئۆلتۈرۈلگەن ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى) جەمال قاشىقجىنىڭ ئىسمى قويۇلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى يول ياقىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كوچا لەۋھىسىدە «قاشىقجى قانىلى، يەنى سەئۇدى ئەرەبىستان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ژۇرنالىست» دەپ يېزىلدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە ساق بىر يىل بولغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «سەئۇدى ئەرەبىستان ئەسلىدە بۇنى ئۇنتۇپ كېتىشنى خالىماقتا. لېكىن بىز ئۇنتۇمايمىز. شۇڭا بۈگۈن لەھەيدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسى جايلاشقان كوچىغا جەمال قاشقجىنىڭ ئىسمىنى قويدۇق» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر