رۇھانى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئەرمېنىيەنىڭ پايتەختى ئەرىۋاندا بىر يەرگە جەم بولدى.

1280268
رۇھانى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالىي كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەرىۋاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇچرىشىشتا، يادرو كېلىشىمى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

يادرو كېلىشىمىنىڭ خەلقئارالىق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم چارە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان رۇھانى، مەزكۇر كېلىشىمدىن ئۈنۈملۈك نەتىجە ھاسىل قىلىنىشى ئۈچۈن بارلىق تەرەپلەرنىڭ ئۆزئارا ئەھدىلىرىگە ۋاپا قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېلىشىمگە قول قويغان تەرەپلەرنى ئەھدىلىرىگە ۋاپات قىلىش يولىدا قەدەم تاشلىشىنى تەلەپ قىلغان، ھەمدە موسكۋانىڭ بۇ ھەقتە ئويناۋاتقان رولىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن يادرو كېلىشىمىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكرارلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، موسكۋانىڭ كېلىشىمگە قول قويغان بارلىق دۆلەتلەردىن ئەھدىلىرىگە ۋاپا قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئىراننىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن رەسمىي ھەمكارلىق ئورنىتىشقا باشلىشىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى، چۈنكى بۇ ئۆزگىرىشنىڭ رايونلۇق ھەمكارلىق ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە زېمىن ھازىرلاپ بېرىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر