ھىندىستاندىكى پەسىللىك يامغۇر 1600 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ھىندىستاندا ئىيۇن ئېيىدىن بۇيان ئېغىر تەسىر كۆرسىتىۋاتقان پەسىللىك يامغۇر سەۋەبىدىن 1600 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1280450
ھىندىستاندىكى پەسىللىك يامغۇر 1600 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان ۋاقىتى گېزىتىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى مەنبە قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان بۇ يىل يېقىنقى 25 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ شىددەتلىك پەسىللىك يامغۇرغا دۈچ كەلگەن بولۇپ، ئىيۇن ئېيىدا باشلانغان يامغۇر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئاپەتلەر ۋە ھەر خىل ۋەقەلەردە 29سىنتەبىرگىچە بولغان جەرياندا، دۆلەت مىقياسى بويىچە جەمئىي 1673 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان. 

ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلاردا، بولۇپمۇ ئىيۇن ۋە سىنتەبىر ئايلىرىدىكى پەسىللىك يامغۇردا بۇ يىل ئۆتكەن 50 يىلنىڭ ئوتتۇرىچە ھېسابىدىن 10 ھەسسە كۆپ يامغۇر ياغقانلىقى قەيت قىلىندى.

پەسىللىك يامغۇر سەۋەبىدىن 2019 يىلىدا ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆلگەن ئۆلكىنىڭ 371 كىشى بىلەن ماھاراشتىرا ئۆلكىسى بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئالاقىدار مەسئۇللار، دۆلەت مىقياسىدىكى ئۆلۈم ۋەقەلىرىگە ھەممىدىن بەك شىددەتلىك يامغۇر ۋە سۇ ئاپەتلىرىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ۋە تاملار ئۆرۈلۈپ، بىنالارنىڭ يېقىلىپ چۈشكەنلىكىنى ئېيتتى. 

ئالاقىدار مەسئۇللار يامغۇرنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ئۆلكىلەر ئارىسىدا ئوتتۇرا پەردېش ۋە بىھارنىڭ ئالدىنقى قاتاردا ئىكەنلىكىنى، جۈمە كۈنىدىن بۇيان توختىماي يىغىۋاتقان شىددەتلىك يامغۇرنىڭ سۇ ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ۋە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 144 كە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

جەنۇبىي ئاسىيادا ئىيۇن ئېيىدىن سىنتەبىرگىچە بولغان مەزگىلدە ياغىدىغان پەسىللىك يامغۇر ئومۇمەن چوڭ تەبىئىي ئاپەت ۋە ۋەقەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر