تالىبان بەلخنىڭ شور تەپە ناھىيەسىگە ھۇجۇم قىلدى

تالىباننىڭ ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان بەلخ ۋىلايىتىنىڭ بىر ناھىيەسىگە قىلغان ھۇجۇمىدا 11 ساقچى جېنىدىن ئايرىلدى.

1279383
تالىبان بەلخنىڭ شور تەپە ناھىيەسىگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەلخ ۋالىيلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى مۇنىر ئەھمەد فەرھاد، تالىبان ئەزالىرىنىڭ شور تەپە ناھىيە مەركىزىگە تۆت تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ، 11  ساقچىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى، ناھىيەگە كۆپ ساندا ئارقا سەپ ساقچى قىسىملىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى كۆرگۈچىلەر، ھۇجۇمدىن كېيىن تالىبان ئەزالىرىنىڭ ناھىيە مەركىزىگە كىرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

تالىبان بولسا، ھۇجۇمدا 30 نەپەر خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر