تەيۋەندە بىر ئاسما كۆۋرۈك ئۆرۈلۈپ چۈشتى
ۋەقەدە ئاز دېگەندىمۇ 10 كىشى يارىدار بولۇپ، 5 كىشى يوقۇلۇپ كەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەننىڭ يىلان رايونىدا نانفاڭگو پورتىدىكى بىر ئاسما كۆۋرۈكنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشىشى سەۋەبىدىن ئاز دېگەندىمۇ 10 كىشى يارىدار بولدى ۋە 5 كىشى يوقۇلۇپ كەتتى.
تەيۋەننىڭ مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «CNA» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 140 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى نانفاڭگو كـۆۋرۈكىنىڭ بىر قىسمى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋاتقان نېفىت ئاپتوموبىللىرى كېمىلەرنىڭ ئۈستىگىلا چۈشكەن.
ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، كېمىلەردىكى ئاز دېگەندىمۇ 10 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى ۋە يوقۇلۇپ كەتكەن 5 كىشىنىڭ ئىزدەپ تېپىش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. تەيۋەن رەھبىرى تىساي ئىڭ ۋېن ئىزدەپ قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ رايونغا يوللانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
يىلاندىكى ساياھەت مەركەزلىردىن بىرسى بولغان نانفاڭگو كۆۋرۈكى 1998 – يىلى خىزمەت باشلىغان ئىدى.