گېرمانىيەدە بىر ياشانغان كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى 8 يىلدىن كېيىن مەلۇم بولدى

گېرمانىيەنىڭ سېندېن شەھىرىدە تۇرۇشلۇق پىنسىيەگە چىققان بىر ياشانغان كىشىنىڭ ئۆز ئۆيىدە 8 يىل ئىلگىرى ئۆلگەنلىكى، بىراق 8 يىلغىچە ھېچ كىشىنىڭ خەۋىرى بولمىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

1279387
گېرمانىيەدە بىر ياشانغان كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى 8 يىلدىن كېيىن مەلۇم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايلد گېزىتىنىڭ باش بەتتە ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىمالىي رېن ۋېستفاليا ئىشتاتىنىڭ مۈنستېر شەھىرىگە يېقىن سېندېن دېگەن جايدا ياشايدىغان ھېنز ھ ئىسىملىق پىنسىيەگە چىققان گېرمانىيە پۇقراسى 2011يىلىدا ئۆيىدە ۋاپات بولغان، بىراق بۇ كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى 8 يىلغىچە ھېچ كىشى بىلمىگەن.

پېنسىيەگە چىققان گېرمانىيە پۇقراسىنىڭ جەسىتى ئۇزۇنغىچە ئۆيىدە قالغان بولغاچقا ئىسكىلىتقا ئايلىنىپ كەتكەن.

10 كۈن ئىلگىرى 7 قەۋەتلىك بىنانىڭ يەر ئاستى قەۋىتىگە ئوت كېتىشى سەۋەبىدىن ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى بىنادا تۇرۇشلۇق كىشىلەرنى ئۆيلىرىدىن چىقىپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. 

ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ھېنز ھ ئىسىملىق كىشىنىڭ ئىشىكى ئېچىلمىغاندىن كېيىن، 2قەۋەتتىكى ئۆيىگە ئىشىكنى چىقىپ كىرگەندە ئۆيدىكى جەسەتنى كۆرگەن. 

پىنسىيەگە چىققان كىشىنىڭ ئىتىنىڭمۇ ئاچلىقتىن ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلانغان.

ھېنز ھ نىڭ پوچتا قۇتۇسى ۋە قانۇن دوختۇرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەردە ياشانغان كشىنىڭ 8 يىل ئىلگىرى ئۆلگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان.

ساقچى ۋە تەپتىش مەھكىمىسى دائىرىلىرى بىر كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنىڭ شۇنچە يىللارغىچە قانداقلارچە بىلىنمەي قالغانلىقىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

پىنسىيەگە چىققان كىشىنىڭ توك، سۇ تالۇنلىرىنىڭ بانكىغا بەرگەن ئاپتوماتىك تۆلەش بۇيرۇقىغا ئاساسەن داۋاملىق تۆلەنگەنلىكى، شۇڭا ئۆلگەنلىكىنى ھېچ كىشىنىڭ بىلەلمەي قالغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

ئالاقىدار مەسئۇللار قانۇن دوختۇرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەردە ھېچقانداق جىنايەت ئامىلى كۆرۈلۈمىگەنلىكى، بىراق كىشىنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنىڭ ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتكەن بولغاچقا، ئېنىقلاش مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر