خوڭكوڭلۇقلارنىڭ پىيادە يۈرۈش تەلىپى رەت قىلىندى

خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئەتە (2019-يىلى 1-ئۆكتەبىر) خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىدا كەڭ كۆلەملىك دېموكراتىيە يۈرۈشىنى ئۆتكۈزۈش تەلىپى رەت قىلىندى.

1278791
خوڭكوڭلۇقلارنىڭ پىيادە يۈرۈش تەلىپى رەت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خوڭكوڭدا ئۆتكەنكى كۈنلەدە نۇرغۇنلىغان نامايىش ۋە يۈرۈشلەرنى تەشكىللىگەن كىشىلىك ھوقۇق فىرونتى رايونلۇق ئەرز-شىكايەت كومىتېتىنىڭ، ساقچىلارنىڭ سەيشەنبە (1-ئۆكتەبىر) خوڭكوڭنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان يۈرۈشكە قويغان چەكلىمىسىنى تەستىقلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇق فىرونتى نامايىشچىلارنىڭ تىنچلىق ئۇسۇلدا توپلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشنىڭ، بۇرۇنقى يۈرۈشلەردە يۈز بەرگىنىدەك، كىشىلەرنىڭ كوچىلارغا چىقىش ئېھتىمالى بولغانلىقى ئۈچۈن زوراۋانلىقلارغا كۈشكۈرتىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

فىرونتنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىدىن بوننى لېيۇڭ (Bonnie Leung): «خوڭكوڭ پىكىر ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىنى يوقىتىپ قويۇۋاتىدۇ. بارغانسېرى ساقچى دۆلىتىگە ئايلىنىۋاتىدۇ» دېدى.

خوڭكوڭدا ئەتە يۈرۈشتىن باشقا، ئوخشىمىغان جايلاردا ھەر خىل نامايىشلارنى ئۆتكۈزۈش پىلان قىلىنماقتا.

خوڭكوڭدا ھەپتە ئاخىرى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار، زوراۋانلىقلارغا سەھنە بولدى. خوڭكوڭ ساقچىلىرى رەسمىي بىنالارغا قاراپ يۈرۈگەن نامايىشلارنى تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى. نامايىشچىلارنى بىلىش ئۈچۈن ئاپتوموبىللاردىن رەڭ قوشۇلغان سۇ چاچتى.

يەرلىك تاراتقۇلار ھەپتە ئاخىرى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا 100 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى، بىر مۇخبىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خوڭكوڭ ۋالىيسى كەررېي لام ئىيۇل ئېيىدا ئپرېل ئېيىدا پارلامېنتقا سۇنۇلغان قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنىڭ «ئۆلگەنلىكى» نى ئېلان قىلغان ئىدى. كەررېي لام شۇنداق بولسىمۇ، تو ختىماي داۋاملاشقان نامايىشلار نەتىجىسىدە، 2019-يىلى سېنتەبىر ئېيىدا قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنىڭ پۈتۈنلەي قايتۇرۇۋېلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ھۆكۈمەت خەلقنىڭ ئەندىشەلىرىنى تۈگىتىش ئۈچۈن قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنى پۈتۈنلەي قايتۇرۇۋالىدۇ» دېگەن ئىدى.

خوڭكوڭ نامايىشچىلىرى قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنىڭ قايتۇرۇۋېلىنىشىدىن باشقا، ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مۇستەقىل كومىتېت قۇرۇشنى، تۇتۇلغان نامايىشچىلار ئۈچۈن ئومۇمىي كەچۈرۈم ئېلان قىلىشنى، نامايىشلارنى «ئىسيان» دەپ ئاتاشنى توختىتىشنى ۋە سىياسىي ئىسلاھاتنى قايتىدىن باشلاشنى تەلەپ قىلماقتا.

نامايىشلار پات-پات نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ياكى نامايىشقا قارشى گۇرۇپپىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشلەرگە سەھنە بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر