خىتايدا بىر زاۋۇتتا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 19 كىشى ئۆلدى

خىتاينىڭ شەرقىدىكى جېجىئاڭ ئۆلكىسىدە بىر زاۋۇتتا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 19 كىشى ئۆلدى.

1278894
خىتايدا بىر زاۋۇتتا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 19 كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جېجىئاڭ ئۆلكىسىنىڭ نىنخەي رايونىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 8 كىشى قۇتقۇزۇپ قىلىندى ۋە ئۇلاردىن 3 كىشى بالنېتسقا ئېلىندى.

ئوت كېتىش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.

مارت ئېيىدا خىتاينىڭ جىياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى بىر خېمىيە زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتىمۇ 78 كىشى ئۆلگەن ئىدى.

ئىيۇن ئېيىدىمۇ خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بىر گاز زاۋۇتى پارتلاپ، 15 كىشى ئۆلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر