خىتايدا 17 يىل غاردا مۈكۈپ ياشىغان بىر قاچقۇن نازارەتكە ئېلىندى

خىتاينىڭ غەربى جەنۇبىدىكى يۈننەن ئۆلكىسىدە ساقچىلار 17 يىلدىن بۇيان ئىزدەپ تۇتالمىغان بىر قاچقۇننى ئاخىرى مۇكىنىپ ياشىغان غاردا نازارەتكە ئالدى.

1278893
خىتايدا 17 يىل غاردا مۈكۈپ ياشىغان بىر قاچقۇن نازارەتكە ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار مەسئۇللار سوڭ جىئاڭ ئىسىملىق 63 ياشلىق قاچقۇننىڭ ئورنىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپىراتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئىزدەپ تۇتۇش ھەرىكىتىدە بايقالغانلىقىنى ئېيتتى.

سوڭ جىئاڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۈمىگە تاشلانغاندىن كېيىن، 2002يىلى تۈرمىدىن قېچىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ 17 يىلدىن بۇيان ئۆزى يالغۇز بىر غاردا ياشىغانلىقى ئېنىقلاندى.

ساقچىلار 17 يىلغىچە غاردا ياشىغان سوڭ جىئاڭنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىگە دائىر يىپ ئۇچىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇنى ئىزدەپ تۇتۇش ھەرىكىتى باشلىدى.

ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپىراتى بىلەن ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ئېنىق بېكىتلىگەندىن كېيىن، نازرەتكە ئېلىنىپ، قايتىدىن يەنە تۈرمىگە تاشلاندى.


خەتكۈچ: #قاچقۇن , #خىتاي

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر