گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى لاگېرىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى ئارىلىدىكى مورىيا مۇساپىرلار لاگېرىدا چىققان ئوت ئاپىتىدە بىر ئايال ۋە بىر كىچىك بالا جېنىدىن ئايرىلدى.

1278539
گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى لاگېرىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى ئارىلىدىكى لاگېردا نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلارنىڭ توقۇنۇشى جەريانىدا، مۇساپىرلار چېدىرلىرىغا ئوت كەتتى.

يەرلىك تاراتقۇلاردىكى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، شارائىتىنىڭ ناچارلىقى بىلەن بىلىنىدىغان مورىيا لاگېرىدىن كۆچۈشنى تەلەپ قىلغان بىر توپ كىشىنىڭ نامايىشى جەريانىدا، مۇساپىرلار تۇرۇۋاتقان چېدىرلارغا ئوت كەتكەن. ۋەقەدە بىر ئايال ۋە بىر كىچىك بالا جېنىدىن ئايرىلغان. ئوتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن پاژارنى خادىملىرىغا توسقۇنلۇق قىلغان مۇساپىرلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا سۈركىلىش چىققان.

لاگېردىكى ھۆكۈمەت بىنالىرىنى ئىشغال قىلىۋېلىشقا ئۇرۇنغان مۇساپىرلار خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تاش-كالتەكلەر بىلەن ھۇجۇم قىلغان. ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ نامايىشچىلارنى تارقاتقان.

مىدىللى رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى ستراتىس كىتېلىس گىرېتسىيە تېلېۋىزىيەسىدە بايانات ئېلان قىلىپ، لاگېردا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ سىرتقا كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، پايتەخت ئافېنادىن زاپاس ساقچى قىسىم تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

گىرېتسىيە تاراتقۇلىرى ئافېنادىكى ساقچىلار قىسمىنىڭ «C-130» تىپلىق ئايروپىلانلار بىلەن مىدىللىغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر