ئافغانىستاندىكى پېزىدېنتلىق سايلىمى كۈنىدە 68 ئورۇن ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئافغانىستان مىقياسىدا تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمى جەريانىدا 68 ئايرىم ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 4 خەۋپسىزلىك خادىمى جېنىدىن ئايرىلدى.

1278306
ئافغانىستاندىكى پېزىدېنتلىق سايلىمى كۈنىدە 68 ئورۇن ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
afganistan guvenlik.jpg
afganistan secim.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مەسئۇد ئاندەرابى بايانات بېرىپ، تالىباننىڭ سايلامغا توسقۇنلۇق قىلىش تىرىشچانلىقىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىنى؛ تالىباننىڭ دۆلەت مىقياسىدا سادىر قىلغان 68 ھۇجۇمىدا 4 خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 3 خەۋپسىزلىك خادىمى بىلەن 72 پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئافغانىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ باياناتىدا بولسا، سايلام كۈنى ئافغانىستان مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلغان تالىبانغا زەربە بېرىش مەقسەتلىك 13 ھەرىكەتتە 34 تالىبان ئەزاسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى، 14 نەپىرىنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

تالىبان بولسا، ھۇجۇملاردا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىدىن ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلار سانىنىڭ 422 ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر