پادىشاھ سەلماننىڭ يېقىن مۇھاپىزەتچىسى ئۆلتۈرۈلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئال سۇئۇدنىڭ يېقىن مۇھاپىزەتچىلىرىدىن بىرىگادا گېنېرالى ئابدۇلئەزىز بىن بەدداھ ئەلفاغىم، دوستى مەمدۇھ ئال ئەلى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.

1278324
پادىشاھ سەلماننىڭ يېقىن مۇھاپىزەتچىسى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – سپانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەككە ساقچى ئىدارىسى بايانات بېرىپ، فاغىمنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە دوستى تۈركىي ئەسسەبتىنى يوقلاش ئۈچۈن جىددەدىكى ئۆيىگە زىيارەتكە بارغانلىقىنى، ئۇ ئەسنادا ئۆيدە بولغان يەنە بىر دوستى مەمدۇھ ئال ئەلى بىلەن جېدەللىشىپ قالغانلىقىنى؛ جېدەل ئەسناسىدا مەمدۇھ ئال ئەلىنىڭ ئوق چىقىرىپ فاغىم، سەبتى ۋە فىلىپپىنلىق بىر ئىشچىنى يارىلاندۇرغانلىقىنى، فاغىمنىڭ دوختۇرخانىدا جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

باياناتتا، ئۆزىنى قولغا ئالماقچى بولغان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن توقۇنۇشقان ئال ئەلىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، توقۇنۇشتا بەش نەپەر خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر