ئىسرائىلىيە كۈچلىرى پەلەستىنلىك مىنىستىرنى قولغا ئالدى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مىللىي نېفىت شىركىتى ئارامكوغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ پەردە ئارقىسىدا ئىراننىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

1276187
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى پەلەستىنلىك مىنىستىرنى قولغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇددۇس ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى ۋە ئاخبارات خادىملىرىدىن تەشكىل تاپقان ئەترەتلەر ئەتىگەن تەرەپلەردە ھەدمىنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستىكى ئۆيىنى ئاختۇرغان ھەم ئۇنى تۇتۇپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ يېقىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم قولغا ئېلىنىشى ھېسابلىنىدىكەن.

پەلەستىن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى پەلەستىن ئاممىۋى تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرى دوكتور ئەھمەد ئەلجەدلانىنىڭ قۇددۇسقا كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىغان، ھەمدە ئەگەر ئۇ شەھەرگە كىرگەن تەقدىردە قولغا ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تەھدىت سالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر