جەنۇبىي كورېيە شىمالي كورېيەگە چاقىرىق ئېلان قىلدى

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائىن يادرولۇق قورالسىزلاشتۇرۇش لايىھەسىدە ئىلگىرىلەش كۆرۈلگەن تەقدىردە، شىمالي كورېيە بىلەن تېخىمۇ يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1276266
جەنۇبىي كورېيە شىمالي كورېيەگە چاقىرىق ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونھاپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مۇن جائىن نىيۇ يوركتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 74 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىدە سۆزلگەن نۇتۇقىدا، جەنۇبىي كورېيە بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىيلەردىن خالىي رايون «DMZ» نىڭ ب د ت نىڭ ياردىمى بىلەن خەلقئارالىق تىنچلىق رايونىغا ئۆزگەرتىلىشى كېرەكلىكىگە دائىر تەكلىپىنى سۇندى.

جەنۇبىي كورېيە بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىيلەردىن خالىي رايون «DMZ» نىڭ شەرقتىن غەربكىچە 250 كېلومېتىر ۋە شىمالدىن جەنۇبقىچە 4 كېلومېتىرلىك چوڭ يېشىللىق رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مۇن جائىن، رايوننىڭ 70 يىللىق ھەربىي توقۇنۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تىرادېگىيەلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، بۇزۇلمىغان ئىكوئولوگىيەلىك بىر خەزىنە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مۇن جائىن «DMZ» رايونىنىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مىراسى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنى پۈتۈن دۇنيا بىلەن بھەمبەھىرىلىشىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

شىمالىي كورېيە ئەگەر يادرو قورالسىزلاشتۇرۇش لايىھەسى ئۈچۈن سەمىمىيلىك بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن تەقدىردە، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭمۇ بۇنىڭغا كېرەكلىك جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ياردو قورالسىزلاشتۇرۇش لايىھەسىدە ئىلگىرىلەش كۆرۈلىدىغانلا بولسا، شىمالىي كورېيە بىلەن تېخىمۇ يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايمىز» دېدى. 

ئامېرىكا پىرېزىدېنتتى دونالد ترامپ ئالدىنقى كۈنى جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائىن بىلەن كۆرۈشكەن ۋە بىر سۇئالغا جاۋابەن: «شىمالىي كورېيەگە يېڭى ئېمبارگولارنى قويۇش ياكى شىمالىي كورېيەنى ھۇجۇم نىشانى قىلىش خاراكتېرلىق يېڭى بىرەر قەدەم تاشلاشنى ئويلىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر