رۇھانى: رايون سەزگۈر مۇساپىلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى رايوننىڭ ناھايىتى سەزگۈر بىر مۇساپىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

1275423
رۇھانى: رايون سەزگۈر مۇساپىلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ 74 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن نيۇ يوركقا بارغان رۇھانى، ئىران دۆلەت مېدىياسىغا ئامېرىكىدىكى ئۇچرىشىشلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئۇ، نيۇ يوركتىكى 4 كۈنلۈك زىيارىتى دائىرىسىدە تۈنۈگۈن رەھبەرلەر باشتا بولۇپ، نۇرغۇن كىشى بىلەن مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «رايونىمىز ناھايىتى سەزگۈر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ. رايون خەلقىنىڭ بەسرە قولتۇقى ۋە ئوتتۇرا شەرقكە قىلىنغان ھەرقانداق مۇداخىلىنىڭ ئاخىرلىشىپ، تىنچلىققا يېتىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىدىن ئىبارەت تىنچلىق ئىستىكىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ئۇ، ئىراننىڭ بارلىق تەرەپلەرنى ئەھدىلىرىگە ۋە قانۇنلارغا رىئايە قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


خەتكۈچ: #رۇھانى , #ئىران

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر