جەنۇبىي كورېيەدە دوختۇرخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى جانغا زامىن بولدى

جەنۇبىي كورېيەنىڭ گىمپو شەھىرىدىكى ياشانغانلار ساناتورىيەسى دوختۇرخانىسىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 2 بىمار ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1275410
جەنۇبىي كورېيەدە دوختۇرخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى جانغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹يونخاپ› خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گىمپو شەھىرىدىكى بەش قەۋەتلىك ياشانغانلار ساناتورىيەسى دوختۇرخانىسىدا ئەتىگەن تەرەپلەردە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن.

ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوت ئاپىتى جەريانىدا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىكى ئىككى بىمار قازا قىلغان، 47 بىمار يېقىن ئەتراپتىكى باشقا دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن چاغدا ياشانغانلار ساناتورىيەسى دوختۇرخانىسىدا 130 كېسەل بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر