لىۋانلىق بىر ژۇرنالىست گېرمانىيەنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن گىرېتسىيەدە نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

لىۋان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، لىۋانلىق 65 ياشلىق ژۇرنالىست مۇھەممەد سالىھنىڭ گىرېتسىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن پەيشەنبە كۈنى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1273977
لىۋانلىق بىر ژۇرنالىست گېرمانىيەنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن گىرېتسىيەدە نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، لىۋان دائىرىلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان مۇھەممەد سالىھقا ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى، لىۋاننىڭ ئافېنا (ئاتىنا) دىكى ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، سالىھنىڭ 1985 – 1987 – يىللىرى ئارىسىدا ئايروپىلان بولاش ۋەقەسىگە ئارىلاشقانلىقىدىن شۈبھىلىنىپ، گېرمانىيە دائىرىلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

سالىھنىڭ ئائىلىسى بولسا، ئۇنىڭ ئىسىم ئوخشاشلىقى سەۋەبىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

لىۋان مۇھەررىرلەر ئۇيۇشمىسى بولسا، سالىھنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشىنى ئەيىبلىدى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن باشقا ئالاقىدار ئورگانلارنى ۋەقەنى ئايدىڭلىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

لىۋاندىكى LBCI خەۋەرلەر تورى، گىرېتسىيەلىك بىر ساقچى ئەمەلدارىنى مەنبە قىلغان خەۋىرىدە، گېرمانىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان سالىھنىڭ گىرېتسىيەنىڭ مىكونوس ئارىلىدا 19 – سېنتەبىردە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر