كەربالادا پارتلاش يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى كرەربالا ۋىلايىتىدە بىر مىنىبۇسنىڭ ئىچىگە ئورۇنلشتۇرۇپ قويۇلغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 12 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1273688
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىخەتەرلىك ئىشلىرى ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كەربالا ۋىلايەتلىك سەھىيە باش ئىدارىسى، شەھەرنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى 54 – كونتىرول نۇقتىسى ئەتراپىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا 12 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 5 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، مىنىبۇستىكى بەزى كىشىلەرنىڭ كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى، يارىدارلارنىڭ دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.