«2019-مەركەز» مانېۋىرى باشلاندى

رۇسىيەنىڭ جەنۇبىدا «2019-مەركەز» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر باشلاندى.

1270377
«2019-مەركەز» مانېۋىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «2019-مەركەز» ناملىق ھەربىي مانېۋىر توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، «2019-مەركەز» ناملىق ھەربىي مانېۋىرنىڭ باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مانېۋىرنىڭ ئاساسىي تېمىسىنىڭ خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا خەۋپسىزلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، سەككىز دۆلەتنىڭ ھەربىي قىسىملىرىنىڭ قاتناشقانلىقى قەيت قىلىندى.

ئورېنبۇرگ، ئاستراخان، چېليابنسك، ئالتاي، كېمېروۋو رايونلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن مانېۋىرغا، 128 مىڭ ئەسكەر، 20 مىڭدىن ئارتۇق ئۇرۇش ئەسلىھەلىرى، تەخمىنەن 600 ئايروپىلان، تىك ئۇچار ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى، 200 دىن ئارتۇق تانكا ۋە 15 كە يېقىن ئۇرۇش پاراخوتى قاتناشتۇرۇلدى.

«2019-مەركەز» مانېۋىرى 2019-يىلى 21-سېنتەبىردە ئاخىرلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر