ئوتتۇرا ئافرىقىدا قوراللىق گۇرۇپپىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ ئونلارچە ئادەم ئۆلدى

ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي شىمالىدا قوراللىق گۇرۇپپىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 23 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، ئونلارچە ئادەم يارىلاندى.

1269634
ئوتتۇرا ئافرىقىدا قوراللىق گۇرۇپپىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ ئونلارچە ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ب د ت مۇقىملىق ساقلاش خادىملىرى ئىشخانىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئوتتۇرا ئافرىقىنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش ۋە ئادالەت ھەرىكىتى ئەزالىرى شەنبە كۈنى بىرائوغا ھۇجۇم قىلىپ، 2014 – يىلىدىن بۇيان رايوننى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ قايتىدىن تۇغۇلۇشى خەلق فىرونتىدىن شەھەرنى تارتىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، بۇ جەرياندا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 23 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، ئونلارچە ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، ۋەقەلەرگە مۇداخىلە قىلىش ئۈچۈن رايونغا بارغان تىنچلىق ساقلىغۇچى قىسىملارنىڭ بىر ئەسكىرىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر