ھىندىستان جاممۇ كەشمىردىكى چەكلىمىلەرنىڭ يېنىكلىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى جاممۇ كەشمىردىكى چەكلىمىلەرنىڭ يېنىكلىتىلگەنلىكىنى ۋە ئۆلكە ۋەزىيىتىنىڭ نۇرمال ھالغا كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1268114
ھىندىستان جاممۇ كەشمىردىكى چەكلىمىلەرنىڭ يېنىكلىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، ئۆلكىدىكى بارلىق سىملىق تېلېفونلاردا ۋە بەزى رايونلاردىكى يان فون لىنىيەلىرىدە يولغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنىڭ بېكار قىلىنغانلىقى ۋە سەھىيە ئورگانلىرىنىڭ مۇلازىمەتنى باشلىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا يەنە، ئۆلكىدىكى بانىكالارنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكى ۋە پۇل ئېلىش ماشىنىلىرىنىڭمۇ نۇرمال مۇلازىمەت قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى سانىنىڭمۇ ئېشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

خەلقنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجلىرىنى قامدۇغۇدەك مىقداردا نېفىت ۋە ئوزۇقلۇق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامبارلاشتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

سەيشەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە، تۈركىيە قاتارلىق 50 دىن كۆپرەك دۆلەتنىڭ ئالاھىدە رايونلۇق سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، كەشمىر خەلق ھەر خىل چەكلىمىلەرگە دۇچار قىلىنغان جاممۇ كەشمىردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە ئېلان قىلغان چاقىرىقىنىڭ ئارقىدىن ھىندىستان بۇ باياناتنى ئېلان قىلدى.

بىراق نازارەت ئاستىدا تۇتۇلىۋاتقان جاممۇ كەشمىرنىڭ سابىق باش مىنىستىرلىرى، يەرلىك سىياسەتچىلەر، پائالىيەتچىلەر ۋە ژۇرنالىستلارغا ئالاقىدار ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

ھىندىستان دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنىڭ يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان جاممۇ كەشمىرگە ئالاھىدە ئىمتىياز بەرگەن 370ماددىسىنى 5ئاۋغۇست كۈنى ئۆزگەرتىپ، ئالاھىدە رايونلۇق سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر