خوڭكوڭلۇق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى گېرمانىيەدىن قوللاشنى تەلەپ قىلدى

خوڭكوڭدىكى نامايىشلارنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى گۇرۇپپىلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن جوشۇا ۋوڭ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدا ساقچىلار تەرىپىدىن قىلىنىۋاتقان زورۋانلىقلارنى قاتتىق ئەيىبلىشى لازىملىقىنى جىكىلىدى.

1267582
خوڭكوڭلۇق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى گېرمانىيەدىن قوللاشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا تۇتقۇنلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قانۇن تەكلىپىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئايلاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلارنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى گۇرۇپپىلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن جوشۇا ۋوڭ خوڭكوڭدا ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

جوشۇا ۋوڭ پايتەخت بېرلىندىكى فېدېراتسىيە مەتبۇئات مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، خوڭكوڭنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالدى.

جوشۇا ۋوڭ نامايىشلارنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ھازىرمۇ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىمىز ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز» دېدى. 

گېرمانىيە ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خوڭكوڭدىكى نامايىشلارنى كۆرمەسكە سالماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، «خوڭكوڭ يېڭى سوغۇق ئۇرۇشنىڭ يېڭى بېرلىنىدۇر» دېدى.

ئەركىن سايلاملارنىڭ ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ھەق - ھوقۇق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن جوشۇا ۋوڭ، بىراق بۇ مەسىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى.

جوشۇا ۋوڭ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدا ساقچىلار تەرىپىدىن قىلىنىۋاتقان زورۋانلىقلارنى قاتتىق ئەيىبلىشى لازىملىقىنى جىكىلىدى ۋە گېرمانىيەدىن خوڭكوڭ ساقچىلىرى ئۈچۈن ئېكسپورت قىلىنىۋاتقان ساقچى ئەسلىھەلىرىنى شۇنداقلا خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلەر ھەققىدىكى مۇزاكىرىلەرنى توڭلىتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر