ھىندىستان 1 مىليون 900 مىڭ كىشىنى گىراژدانلىقتىن چىقىرىۋىتىدىغان بولدى

ئاساسلىق كۆپ قىسمى مۇسۇلمانلاردىن تەشكىل تاپقان 1 مىليون 900 مىڭ كىشى «دۆلەتسىز» ھالغا چۈشۈپ قىلىشتىن ئەندىشە قىلماقتا.

1267455
ھىندىستان 1 مىليون 900 مىڭ كىشىنى گىراژدانلىقتىن چىقىرىۋىتىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان شىمالدىكى ئاسسام ئۆلكىسىدە گىراژدانلىق تىزىملىكىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇپ، ھىندىستان گىراژدانلىقىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىپ تاشلاشنى پىلانلىغان 1 مىليون 900 مىڭ كىشىنى نازارەت ئاستىدا تۇتۇش ئۈچۈن لاگېر ياسىماقتا.

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «Independent» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسسام ئۆلكىسىدە دۆلەتلىك نۇپۇس ئىشلىرى ئىدارىسى «NRC» نىڭ گىراژدلنلىق تىزىملىكىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغان ۋە ئاساسلىق كۆپ قىسمى مۇسۇلمانلاردىن تەشكىل تاپقان 1 مىليون 900 مىڭ كىشىنى نازارەت ئاستىدا تۇتۇش ئۈچۈن لاگېر ياساۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

خەۋەردە، ئاز دېگەندىمۇ 10 لاگېر ياسىلىدىغانلىقى ۋە لاگېرلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ 3000 كىشىلىك سېغىمچانلىققا ئىگە 7 پۇتبۇل مەيدانى بىلەن تەڭ بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

تىزىملىكتە ئىسمى بولمىغان كىشىلەر «دۆلەتسىز» دەپ ئاتىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پاناھلانغۇچىلار ئالىي كومىسسارى فىلىپپو گىراندى ھېچ كىشىنىڭ دۆلەتسىز قالمايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك بېرىشكە چاقىرىق قىلىپلار قالماستىن، ئالاقىدار مەسئۇللارنى بۇ خەۋپنى تۆۋەنلىتىدىغان قەدەملەرنى تاشلاشقا ۋە كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىش ياكى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قاتارلىق ئىشلاردىن ئۇزاق تۇرۇشقا چاقىرىق قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر