ھۇدەيدەدە ھۇسىيلارغا ئائىت قورال - ياراغ ئىسكىلاتىدا پارتلاش يۈز بەردى

يەمەننىڭ ئىستىراتېگىيەلىك پورت شەھىرى ھۇدەيدەدە ھۇسىيلار قورال - ياراغ ئىسكىلاتى سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتقان بىر بىنادا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا 7 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى، 20 كىشى يارىلاندى.

1266880
ھۇدەيدەدە ھۇسىيلارغا ئائىت قورال - ياراغ ئىسكىلاتىدا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەربىي ساھىل ئورتاق كۈچلىرىنىڭ باياناتچىسى پولكوۋنىك ۋەدداھ ئەددۇبەيشنىڭ ئېيتىشىچە، ھۇدەيدە شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەززەفەران مەھەللىسىدە ھۇسىيلار قورال - ياراغ ئىسكىلاتى سۈپىتىدە ئىشلەتكەن  سۇلياۋ زاۋۇتىدا بىرقاتار پارتلاشلار يۈز بېرىپ، 7 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 20 كىشى يارىلانغان، پارتلاش سەۋەبىدىن قاچقان ئائىلىلەر پاناھلانغان بەزى ئۆيلەرمۇ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.

پارتلاش توغرۇلۇق ھۇسىيلار تەرىپىدىن تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا ھۇسىيلار بىلەن يەمەن ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرىلەرنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى تاماملىنىپ بىرقانچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ھۇدەيدەدە تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار باشلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر