پاكىستاندا پارتلاش يۈز بەردى

پاكىستاننىڭ كۇۋەيتا شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن ئىككى قېتىملىق پارتلاش جانغا زامىن بولدى.

1264589
پاكىستاندا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ  خەۋەر قىلىشىچە، بەلۇجىستان ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى كۇۋەيتا شەھىرىدىكى بىر ئىش ئورنىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاش نەتىجىسىدە بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 6 كىشى يارىلانغان. نەق مەيدانغا ساقچىلار ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ يېتىپ كېلىشىدىن كېيىن، ئىككىنچى پارتلاش يۈز بەرگەن. پارتلاشتا ئىككىسى ساقچى، ئىككىسى مۇخبىر بولۇپ، 6 كىشى يارىلانغان. پارتلاشتا يارىلانغانلار ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر