مىسىر تەپتىش مەھكىمىسى ئابدۇللاھ مۇرسىنىڭ ۋاپات بولۇش سەۋەبىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى

مىسىر تەپتىش مەھكىمىسى، مىسىرنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسىنىڭ تۈنۈگۈن كېچە تۇيۇقسىزلا يۈرەك سانجىقى تۇتۇپ ھاياتىدىن ئايرىلغان 25 ياشلىق كىچىك ئوغلى ئابدۇللاھنىڭ ۋاپات بولۇش سەۋەبىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى.

1264203
مىسىر تەپتىش مەھكىمىسى ئابدۇللاھ مۇرسىنىڭ ۋاپات بولۇش سەۋەبىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇرسى ئائىلىسىنىڭ ئادۋوكاتى ئابدۇلمۆمىن ئابدۇلمەقسۇد ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، تەپتىش مەھكىمىسى خادىملىرىنىڭ بۈگۈن سەھەردىن باشلاپ ئابدۇللاھ مۇرسىنىڭ ۋاپات بولۇش سەۋەبىنى تەكشۈرۈشنى باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئادۋوكات ئابدۇلمەقسۇد، مۇرسى ئائىلىسىنىڭ تەكشۈرۈشنىڭ ئاخىرلىشىپ جىنازىنىڭ دەپنە قىلىنىشى ئۈچۈن رۇخسەت قىلىنىشى كۈتۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

سابىق پىرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسى بىلەن نەجلا مەھمۇد خانىمنىڭ ئەھمەد، شەيما، ئۇسامە، ئۆمەر ۋە ئابدۇللاھ ئىسىملىك 5 پەرزەنتى بار ئىدى.

2013 – يىلى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئاغدۇرۇۋېتىلگەن مۇھەممەد مۇرسى، ئىيۇن ئېيىدا سوت مەھكىمىسىدە يۈرەك سانجىقى قوزغىلىپ قېلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر