تېگى تۈرك بىر گېرمانىيە ئەسكىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندە گېرمانىيە ئارمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تېگى تۈرك بىر ئەسكەر كىملىكى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

1262988
تېگى تۈرك بىر گېرمانىيە ئەسكىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېرلىن ساقچى ئىدارىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 25 ياشلىق تېگى تۈرك 10 بېشى گېرمانىيە ئەسكىرىنىڭ نېئۇكولىن ناھىيەسى سالە كوچىسىدا ھەربي فورمىسى بىلەن كېتىۋاتقان ئەسنادا، 2 گۇمانلىق كىشىنىڭ ئۆزىنى تەقىب قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغانلىقىنى ۋە شۇ جەرياندا ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ ۋەقە تۇغدۇرغان جايدىن كېچىش جەريانىدا «بۇ فورمىنى كېيىشكە ھەققىڭ يوق» دېيىشكەنلىكى قەيت قىلىندى. 

ئەسكەر پۇتىدىن يارىدار بولدى ۋە بالنېستقا ئېلىندى.

ھۇجۇم قىلغۇچىلار تېخىچە قولغا چۈشمىدى. ساقچىلار ۋەقە ھەققىدە تەكشرۈۈش باشلىدى.

گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاننېگرېت كرامپ كاررېن بائۇر تېگى تۈرك گېرمانىيە ئەسكىرىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.

خىرىستىيان دېموكراتىك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسنىمۇ ئۆتەپ كېلىۋاتقان مىنىستىر ئاننېگرېت كرامپ كاررېن ۋەقە ھەققىدە تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئەسكەرلەرگە قارىتىلغان ھەر تۈرلۈك ھۇجۇملارنى ئەيىبلەيمەن. ئۇ ئەسكەر گېرلامانىيەگە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ھۆرمەتكە، تەقدىرگە ۋە خەلقنىڭ ھەمكارلىشىشىغا ھەقلىق» دېدى.   

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر