خوڭكوڭ ۋالىيسى ئىستېپا توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى

خوڭكوڭ ۋالىيسى كەررىي لام (Carrie Lam) ئىستېپا بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا تارقالغان خەۋەرلەرنى رەت قىلدى ۋە خىزمەت ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1262978
خوڭكوڭ ۋالىيسى ئىستېپا توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتى خوڭكوڭ ۋالىيسى كەررىي لامنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك تارقالغان ئىستېپا بېرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلىپ بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ۋالىي كەررىي لام ۋەزىپىسىنى ئۆتەشنىڭ ئۆزىنىڭ قارارى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئىستېپا بەرمىگەنلىكىنى ۋە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستېپا بېرىشكە توسقۇنلۇق قىلمىغانلىقىنى ئېيتقان.

كەررىي لامنىڭ ئاۋازى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر خەۋەردە، خوڭكوڭ ۋالىيسىنىڭ قارار قىلىش ھوقۇقى بولسا ئىستېپا بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى.

كەررىي لام ئاۋاز نۇسخىسى تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، رايوندىكى نامايىشلار بىلەن كۈرەش قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق ۋەزىپىسىدە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خوڭكوڭدا نامايىشلارغا سەۋەب بولغان گۇماندارلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدىغان قانۇن تەكلىپ لايىھەسى 2019-يىلى 3-ئاپرېل پارلامېنتقا سۇنۇلغان ئىدى. خوڭكوڭ ئۆكتىچىلىرى قانۇنغا كىرگۈزۈلىدىغان بۇ ئۆزگەرتىشنىڭ، خوڭكوڭنىڭ ئەركىنلىكىنى يوقىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خوڭكوڭ ۋالىيسى كەررىي لام ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر بولغان پىكىر ئوخشىماسلىقلىرىغا سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قانۇن تەكىلپىنى توختاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلغان ئىدى. ئۆكتىچىلەر مەزكۇر قارارنى يېتەرسىز دەپ قاراپ، قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنىڭ پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلىشنى باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر