خۇبېيدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 8 ئوقۇغۇچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1262807
خۇبېيدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېنشې شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى بايانات بېرىپ، چاۋياڭپو باشلانغۇچ مەكىتىپىدە دەرس باشلىنىشتىن بۇرۇنلا 40 ياشلىق يۇ فامىلىلىك بىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قوراللىق ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش شەكلى ۋە ھۇجۇمنىڭ مۇددىئاسى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىگەن باياناتتا، يېڭى ئوقۇ – ئوقۇتۇش يىلىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇمدا 8 ئوقۇغۇچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، 2 ئوقۇغۇچىنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

ساقچىلار، نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان گۇماندارنى سوراق قىلىش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

«جەنۇب ھەپتىلىك خەۋەرلىرى» ئىسىملىك بىر مەھەللىي گېزىت، گۇماندارنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ جىنايەت سادىر قىلىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماققا ئېلىنغان، ئىيۇن ئېيىدا جازا مۇددىتىنى توشقۇزۇپ تۈرمىدىن چىققان بىرى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر