ئىران: ئۈچىنچى قەدىمىمىز تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئابباس مۇسەۋى، تېھراننىڭ، يادرو كېلىشىمىدىكى ئەھدىلىرىنىڭ دائىرىسىنى تارايتىش يولىدىكى ئۈچىنچى قەدىمىنىڭ بۇرۇنقىلارغا سېلىشتۇرغاندا كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

1262413
ئىران: ئۈچىنچى قەدىمىمىز تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتچى ئابباس مۇسەۋى، ئىراننىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىشنى پىلانلاۋاتقان يادرو كېلىشىمىدىكى ئەھدىلىرىنىڭ دائىرىسىنى تارايتىش يولىدا تاشلايدىغان ئۈچىنچى قەدىمى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، «پىلانلاش باسقۇچلىرى تاماملانغان، تەتبىقلاشقا تەييار ئۈچىنچى قەدەم، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قەدەمگە قارىغاندا كۈچلۈك بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مۇسەۋى، دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار كۈتۈلگەندەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن تەقدىردە تاشلىنىدىغان قەدەملەردىن يېنىۋېلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىفنىڭ فىرانسىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرى ۋە مۇئاۋىنى ئابباس ئاراقچىنىڭ بۈگۈنكى پارىژ زىيارىتىنىڭ يادرو كېلىشىمىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا تاشلانغان دىپلوماتىك قەدەملەر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

باياناتچى ئابباس مۇسەۋى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر يادرو كېلىشىمى دائىرىسىدىكى ۋەدىلىرىنى ئورۇندىغان تەقدىردە، ئىراننىڭ ئۈچىنچى قەدەمنى تاشلىمايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر