ئەسەد ھاكىمىيىتى ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلدى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى، ئىدلىبنىڭ جىددىيچىلىكنى پەسكۇيغا چۈشۈرۈش رايونى تەۋەلىكىدە بىر تەرەپلىمە ھالدا ئېلان قىلغان ئوق چىقىرىشنى توختىتىش ئەھدىسىنى بۇزۇپ، ئاھالىلەر رايونلىرىغا قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلدى.

1261699
ئەسەد ھاكىمىيىتى ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەسەد ھاكىمىيىتى، ئىدلىبنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان كەفرەنبىل ناھىيەسى، جەرجەناز بازىرى، كەفەرسەجنە، ھىش، ئۇرەيبىنە، ھاس، دەير شەرقىي ۋە دەير غەربىي يېزىلىرىغا زەمبىرەك ۋە گىراناتامىيوتلارنى ئىشلىپ قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلدى.

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ بىر تەرەپلىمە ھالدا ئىدلىبنىڭ جىددىيچىلىكنى پەسكۇيغا چۈشۈرۈش رايونىدا ئوق چىقىرىشنى توختىتىش ئېلان قىلغانلىقىنى، ئوق چىقىرىشنىڭ بۈگۈن سائەت 06:00 دىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا 2018 – يىلى 17 – سېنتەبىردە كېلىشىم ئىمزالانغاندىن بۇيان ئىدلىبنىڭ جىددىيچىلىكنى پەسكۇيغا چۈشۈرۈش رايونى تەۋەلىكىدىكى 945 مىڭ 992 پۇقرا ئۆي – ماكانىدىن مەھرۇم قىلىندى. بۇ جەرياندىكى ھاكىمىيەت كۈچلىرى ۋە رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا يەنە 219 نەپىرى ئايال، 341 نەپىرى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 1282 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر