ئىسرائىلىيە غەززەدىكى ئىززۇددىن قەسسام بىرېگاداسىغا تەۋە بىر جاينى بومباردىمان قىلدى

ئىسرائىلىيە، مۇھاسىرىسى ئاستىدىكى غەززە شەھىرىدىكى ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى – ئىززۇددىن قەسسام بىرېگاداسىغا تەۋە بىر نۇقتىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.

1260360
ئىسرائىلىيە غەززەدىكى ئىززۇددىن قەسسام بىرېگاداسىغا تەۋە بىر جاينى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، غەززەنىڭ شىمالىدىكى ھاماسقا تەۋە بىر يەرنىڭ ئىسرائىلىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا يەنە، ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ غەززەدىن تۈنۈگۈن كەچتە ئىسرائىلىيە زېمىنلىرىغا قارىتىپ ئېتىلغان بولسىمۇ غەززە زېمىنلىرىغا چۈشۈپ كەتكەن بىر گىرانامىيوتقا جاۋابەن ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

رايوندىكى ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆرگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە، غەززەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بەيت لاھىيا بازىرىدىكى ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى – ئىززۇددىن قەسسام بىرىگاداسىنىڭ كۆزىتىش نۇقتىسىنى بومباردىمان قىلغان.

ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قېتىمقى ھۇجۇمىدا ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلگەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر