ئىران ياپونىيەگە چاقىرىق ئېلان قىلدى

ئىران ياپونىيەگە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا تەرىپىدىن ھۇرمۇز بوغۇزى ئۈچۈن قۇرۇلماقچى بولغان خەلقئارالىق ئىتتىپاقداش قىسىمغا قېتىلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

1260759
ئىران ياپونىيەگە چاقىرىق ئېلان قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ كىيودو خەۋەر ئاگنېتلىقى، تۈنۈگۈن يوكوھاما شەھىرىدە ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابېنىڭ ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زەرىف بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىغا دائىر تەپسىلاتلارنى خەۋەر قىلدى. 

خەۋەردە، ئىككى رەھبەر ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتتە، ئىراننىڭ ھۇرمۇز بوغۇزى ۋە ئەتراپىدا ئامېرىكا تەرىىپدىن قۇرۇلماقچى بولغان خەلقئارالىق ئىتتىپاقداش قىسىمغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى باش مىنىستىر شىنزو ئابېغا بىۋاستە يەتكۈزۈپ، باشقا دۆلەت قىسىملىرىنىڭ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ ئەكسىچە، مۇقىمسىزلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۋىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكى ۋە ياپونىيەنى ئىتتىپاققا قاتناشماسلىققا چاقىرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

جەۋاد زەرىپنىڭ يەنە، ئامېرىكا ئېمبارگولىرى سەۋەبىدىن توڭلىتىپ قويۇلغان ئىران ياپونىيە نېفىت ئېكسپورت سودىسى ھەققىدىمۇ شىنزو ئابې بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ماي ۋە ئىيۇن ئېيىدا باسرا قولتۇقى ۋە ئەتراپىدا نېفىت توشۇغۇچى پاراخوتلارغا قىلىنغان ھۇجۇمدا ئىراننىڭ جاۋابكارلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە پارىس قولتۇقىدىكى دېڭىز سەپەرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىم قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا قۇرماقچى بولغان ئىتتىپاقداش قىسىمغا ئەنگلىيە ۋە ئاۋستېرالىيە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بىراق ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولۇپلا قالماستىن، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىران بىلەنمۇ ئۆتمۈشتىن بېرى ياخشى مۇناسۋەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ياپونىيەنىڭ بۇ ئىتتىپاقداش قىسىمغا قوشۇلىدىغان ياكى قوشۇلمايدىغانلىقى تېخىچە ئېنىقسىز ھالەتتە تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر