ئىران تېھراننىڭ ياۋروپاغا بەرگەن مۆھلىتىنىڭ توشۇشقا ئاز قالغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، يادرو كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا دائىر مەسىلىلەر توغرىسىدا توختىلىپ، «بىز پەقەت نېفىت ساتقىلى بولىدىغان ۋە پۇلىمىزنى ئالالايدىغان ئەھۋالدا بولۇشنى خالايمىز» دېدى.

1260021
ئىران تېھراننىڭ ياۋروپاغا بەرگەن مۆھلىتىنىڭ توشۇشقا ئاز قالغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، گېرمانىيەنىڭ «سۈددېئۇتچې زېيتۇڭ» گېزىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى جەريانىدا، يادرو كېلىشىمىنىڭ ئىككى قانىتى بارلىقىنى، بىرىنچىنىڭ قانىتىنىڭ ئىراننىڭ يادرو پىلانىدىن پەقەت تىنچلىق مەقسىتىدە پايدىلىنىشى، ئىككىنچى قانىتىنىڭ بولسا، خەلقئارا جەمئىيەت، خۇسۇسەن كېلىشىمنىڭ باشقا تەرەپلىرىنى ئىراننىڭ دۇنيا بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا قىستايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ، ئىراننىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلغانلىقىنى 15 قېتىم جەزملەشتۈرگەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان زەرىف، بىراق ئىراننىڭ دۇنيا بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللاشمىغانلىقىنى ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ كېلىشىمدىن بۇرۇنقى ھالەتتىنمۇ ناچار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بىز پەقەت نېفىت ساتقىلى بولىدىغان ۋە پۇلىمىزنى ئالالايدىغان ئەھۋالدا بولۇشنى خالايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ پەقەت كېلىشىمنى قوللايدىغانلىقىغا دائىر باياناتلارنى ئېلان قىلىش بىلەنلا بولدى قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن زەرىف، بىراق دۆلىتىدىكى خەلقنىڭ خىزمەتلىرى ۋە كىرىملىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، ئىران يولغا قويىدىغان چارە – تەدبىرلەر توغرىسىدا توختىلىپ، «6 –سېنتەبىردە ئۈچىنچى باسقۇچ باشلىنىدۇ. ياۋروپا بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلساق ۋە ياۋروپالىقلار (يادرو كېلىشىمىنى) ئىجرا قىلىشقا باشلىسا، بۇ قەدەمنى تاشلىمايمىز» دېدى.

ياۋروپالىقلارغا 120 كۈنلۈك مۆھلەت بەرگەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن زەرىف، «ئەمدى كۈچلۈك قەدەملەرنى تاشلاشنىڭ ۋاقتى كەلدى» دېدى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ياۋروپاغا خالىغان پىكرىنى تاڭالمايدىغانلىقىنى، ياۋروپانىڭ بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر