ئىران ماكروننىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدى

ئىران دائىرىلىرى، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكروننىڭ «باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش» تەكلىپىنى رەت قىلدى.

1259379
ئىران ماكروننىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تېلېۋىزىيە قانىلى – Press TV نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تېھران دائىرىلىرى، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكروننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپىنى رەت قىلغان.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 2018 – يىلى 8 – مايدا يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىپ، شۇ يىلى 7 – ئاۋغۇست ۋە 4 – نويابىردا ئىككى باسقۇچ بويىچە ئېمبارگولارنى قايتىدىن يۈرگۈزۈشكە باشلىشىدىن كېيىن، بەسرە قولتۇقىدىكى سۈركىلىش كۈچىيىپ كەتكەن، ۋاشىنگتون – تېھران ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇقچىلىق ئېغىرلاشقانىدى.

ئىراننىڭ 8 – مايدىن باشلاپ يادرو كېلىشىمى دائىرىسىدە بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئىجرا قىلىشنى تۆۋەنلىتىشىگە ئەگىشىپ ۋاشىنگتون بىلەن تېھران ئارىسىدا پەيدا بولغان سۈركىلىشنى پەسكۇيغا چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنغان ماكرون، جۈمە كۈنى پارىژدا زىيارەتتە بولغان ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىفكە بەزى تەكلىپلەرنى سۇنغانىدى.

ماكروننىڭ، ئىرانغا يادرو كېلىشىمىدە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى ۋە يادرو پىلانى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ماقۇللۇق بىلدۈرۈشى توغرىسىدا تەكلىپ سۇنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر