خوڭكوڭدا تۈنۈگۈن 37 نامايىشچى نارازەتكە ئېلىندى ۋە 41 نامايىشچى يارىدار بولدى

خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايونىدا جىنايەتچىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قانۇن تەكلىپىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن تۈنۈگۈنكى نامايىشتا 36 كىشى نازارەتكە ئېلىندى.

1258570
خوڭكوڭدا تۈنۈگۈن 37 نامايىشچى نارازەتكە ئېلىندى ۋە 41 نامايىشچى يارىدار بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خوڭكوڭ ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن ناميىشتىن كېيىن، 29 ئەر ۋە 7 ئايال بولۇپ، جەمئىي 36 كىشىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كىۋاي فوڭ رايونىدىن باشلىغانچە تىسۇئېن ۋان رايونىغىچە ئېفلىپ بېرىلغان تۈنۈگۈنكى يۈرۈش نامايىشىدا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن مالىمانچىلىقتىن كېيىن، 15 ساقچى يارىدار بولوپ بالنېستقا ئېلىنغان ئىدى.

خوڭكوڭ ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، نامايىشچىلارنىڭ قانۇن ۋە جەميىئەت تەرتىپىنى كۆزگە ئىلماي، قانۇنسىز ھەرىكەتلەردە بولغانلىقى ۋە زوراۋانلىق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ ئەيىبلەندى.

يەنە بىر تەرەپتىن خوڭكوڭدىكى دوختۇرخانىلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئېلان قىلغان باياناتتا، تۈنۈگۈنكى نامايىشتا 41 نامايىشچىنىڭ يارىدار بولغانلىقى ۋە بالنېتسقا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، بۇ 41 نامايىشچى يارىدارلاردىن 15 كىشىنىڭ دوختۇرخانىدا ھازىرمۇ داۋالىنىۋاتقانلىقى ۋە قالغانلىرىنىڭ كېرەكلىك دەسلەپكى داۋالاشتىن كېيىن، دوختۇرخانىدىن ئۆيىگە يوللانغانلىقى قەيت قىلىندى.

خوڭكوڭدا شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار جەريانىدا شەھەرنىڭ بىر قانچىلىغان يېرىدە، ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن ئىدى.

نامايىشچىلار تۆمۈر رىشاتكا ۋە ئەخلەت ساندۇقلار بىلەن توساقلارنى قورغان بولۇپ، ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى، ئاچچىق گاز ۋە بىرونىۋىك ئاپتوموبىللارنى ئىشلىتىپ نامايىشقا مۇداخىلە قىلغاندىن كېيىن، ساقچىلار بىلەن ناميىشچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن ئىدى.

خوڭكوڭدا 3 ئايدىن بۇيان توختىماي داۋاملىشاۋاتقان نامايىشلاردا ساقچىلار تۈنۈگۈن تۇنجى قېتىم نامايىشچىلارغا قارشى بىرونۇۋىك ئاپتوموبىل ئىشلەتكەن، ھەتتا تاپانچا بىلەن ئوقمۇ ئاچقان ئىدى.

خوڭكوڭدا ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان ياكى جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن كىشىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇشنى ئاسانلاشتۇرىدىغان قانۇن تەكلىپى 3ئاپرىلدا پارلامېنقا سۇنۇلغان ئىدى.

7 مىليون 400 مىڭ نوپۇسقا ئىگە خوڭكوڭدىكى خەلقنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى خىتاينىڭ ئەدلىيە سىېتىمىسىدا كىشىلەرنى خالىغانچە قولغا ئېلىش، ئادالەتسىز سوت قىلىش ۋە ھەتتا قېيىن قىستاققا ئېلىش قاتارلىق مۇئامىلىگە دۇچار بولىدىغانلىقى سەۋەبىدىن مەزكۇر قانۇن تەكلىپىگە قارشى چىققان ئىدى. 

خوڭكوڭدىكى ئۆكتىچىلەر ئەگەر بۇ قانۇن تەستىقلانغان تەقدىردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق خوڭكوڭدىكى ئۆكتىچىلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلىدىغانىلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر