تالىباننىڭ كابۇلدىكى بىر قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئوت قويۇپ بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تالىباننىڭ ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى بىر قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئوت قويۇپ بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1255890
تالىباننىڭ كابۇلدىكى بىر قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئوت قويۇپ بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ناسرات راھىمى، تالىبان ئەزالىرىنىڭ پايتەخت كابۇلنىڭ شەكەردەرە ناھىيەسىدىكى بۇيەزار قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئوت قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

راھىمى، ئوت قويۇپ بېرىلگەن مەكتەپنىڭ پايدىلانغىلى بولمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مائارىپ مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نۇرىيە نۇزھەت، قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە 700 ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇيدىغانلىقىنى، مەكتەپ ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىتىلغان بولغاچقا، ئوقۇ – ئوقۇتۇشنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

باياناتچى نۇزھەت، بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قىزلار مەكتەپلىرىگە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھۇجۇملارنى قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

تالىبان بولسا، قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئوت قويۇپ بەرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر