ئىراق پىرېزىدېنتى سۈركىلىشنى ئازايتىش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى

ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھەم سالىھ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىراننى سۈركىلىشنى ئازايتىشقا چاقىردى.

1254929
ئىراق پىرېزىدېنتى سۈركىلىشنى ئازايتىش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئىراق پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سالىھ ئالدىنقى كۈنى ئالدى بىلەن ئىراننىڭ باغداد باش ئەلچىسى ئىرەج مەسجىدىنى، ئارقىدىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باش ئەلچىسى ماتھېۋ تۇئېللېر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنى باغدادتىكى پىرېزىدېنت سارىيىدا قوبۇل قىلغان.

سالىھ بىلەن مەسجىدىنىڭ ئۇچرىشىشىدا، ئىراق بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىقنى  يەنىمۇ كۈچەيتىش، يېقىندىن بۇيانقى سىياسىي ئۆزگىرىشلەر، رايوندىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش  قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھەم سالىھ بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باش ئەلچىسى تۇئېللېر ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتا بولسا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى بارلىق ساھەلەردە كۈچەيتىش توغرۇلۇق ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر