ئىراننىڭ نېفىت پاراخوتى جەبەلىتارىقتىن ئايرىلدى

جەبەلىتارىق دائىرىلىرى تەرىپىدىن توختىتىپ قويۇلغان ئىران نېفىت پاراخوتى، جەبەلىتارىق يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ قويۇپ بېرىش قارارىدىن كېيىن يولغا چىقتى.

1254835
ئىراننىڭ نېفىت پاراخوتى جەبەلىتارىقتىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەبەلىتارىقتا چىقىدىغان «Gibraltar Chronicle» ناملىق مەھەللىي گېزىتنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسمى «Grace-1» دىن «Adrian Darya-1» گە ئۆزگەرتىلگەن ئىران نېفىت پاراخوتى، جەبەلىتارىقتىن تۈنۈگۈن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 23 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە شەرقىي ئاقدېڭىزغا قاراپ يولغا چىققان.

ئىراننىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھامىد بائەئىدىن نىجاد تۈنۈگۈن تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، جەبەلىتارىق دائىرىلىرى 4 – ئىيۇلدا توختىتىپ قويغان، ئۆتكەن ھەپتە قويۇپ بېرىشنى قارار قىلغان نېفىت پاراخوتىنىڭ يولغا چىقىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

جەبەلىتارىق ھۆكۈمىتىمۇ تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن «ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى» بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھالدا «نېفىت پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلىش تەلىپى»نىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزگەن ئېمبارگولىرىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئېمبارگوسىدىن تار دائىرىلىك ئىكەنلىكى خاتىرىتىلگەن ھالدا، بۇ دۆلەتنى نېفىت پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلىش تەلىپىنىڭ قوبۇل قىلىنمىغانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر