پاكىستاندا پارتلاش يۈز بېرىپ 4 ئادەم ئۆلدى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان خايبەر پاكتۇنۋا ئۆلكىسىگە قاراشلىق ئۇپپەر دىر تاغلىق رايونىدا تۈنۈگۈن پارتلاش يۈز بەردى.
1254913
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان خايبەر پاكتۇنۋا ئۆلكىسىگە قاراشلىق ئۇپپەر دىر تاغلىق رايونىدا تۈنۈگۈن پارتلاش يۈز بېرىپ 4 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 6 ئادەم يارىلاندى.
ئۇپپەر دىر رايونى ساقچىسى مىئان ماسەئەب جان بايانات بېرىپ، ئۇپپەر دىرنىڭ شېرىنگال رايونىدا يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان بىر پارتلاتقۇچنىڭ چوڭ يولدىكى بىر ئاپتوموبىلغا يېقىن جايدا پارتلىغانلىقىنى؛ ئاپتوموبىلنىڭ كۇكۇم – تالقان بولۇپ كەتكەنلىكىنى، ۋەقەدە 4 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، يارىلانغان 6 ئادەمنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىدا بالنىستقا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.