رابىيە مەيدانى بوشىتىلغاندىن بۇيان 60 مىڭ كىشى زىندانغا تاشلاندى
مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى مەھمۇد ھۈسەيىن مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدىكى رابىيە ۋە نەھدە مەيدانلىرى 2013 – يىلى 14 – ئاۋغۇست كۈنى قورال كۈچى بىلەن مەجبۇرىي بوشىتىلغاندىن بۇيان 60 مىڭ كىشىنىڭ زىندانغا تاشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۈسەيىن رابىيە مەيدانى بوشىتىلغانلىقىنىڭ 6 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن كونفېرانستا قىلغان سۆزىدە، رابىيە ۋە نەھدە مەيدانلىرىنىڭ بوشىتىلىشىنىڭ زامانىۋى مىسىر تارىخىدىكى قانۇنلۇق ھەق – ھوقۇقلرىنى تەلەپ قىلغان ئىنسانلارغا قارشى يۈرگۈزۈلگەن قەتلىئام ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ قەتلىئامنى يۈرگۈزگەنلەرگە قارىتا قىلىنى تەۋرىتىپمۇ قويمىغانلىقىنى، قاھىرەدىكى رابىيە ۋە نەھدە مەيدانلىرى 2013 – يىلى 14 – ئاۋغۇست كۈنى قورال كۈچى بىلەن مەجبۇرىي بوشىتىلغاندىن بۇيان 60 مىڭ كىشىنىڭ زىندانغا تاشلانغانلىقىنى، مىسىرنىڭ دېموكراتىك يوللار ئارقىلىق سايلان تۇنجى پىرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسىنىڭ تېببىي ئېھتىماللىقلار نەتىجىسىدە شېھىت بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئەڭ قورقۇنۇچلۇق بىر سىياسىي رىقابەتتۇر ۋە ئەڭ ئەخلاقسىزلىقلارچە ئىنتىقام ئېڭىدۇر. مىسىر نۆۋەتتە باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كىرىزىسلەر تۈپەيلى پىرېزىدېنت سىسىنىڭ ھاكىمىيىتى ئانچە ئۇزۇن داۋاملىشالمايدۇ.»