خىتايدا بۈگۈنكى سۇ ئاپىتىدە 19 كىشى ئۆلۈپ، 6 كىشى يوقۇلۇپ كەتتى

خىتايدا بۇ ياز بويىچە شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن سۇ ئاپەتلىرىدە جەمئىي 19 مىليون 910 مىڭ كىشىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

1248471
خىتايدا بۈگۈنكى سۇ ئاپىتىدە 19 كىشى ئۆلۈپ، 6 كىشى يوقۇلۇپ كەتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا شىددەتلىك پەسىللىك يامغۇر سەۋەبىدىن بۈگۈن يۈز بەرگۈن سۇ ئاپىتىدە، 19 كىشى ئۆلۈپ، 6 كىشى يوقۇلۇپ كەتتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ خۇبەي ئۆلكىسىگە قاراشلىق ئىنشى تۇجىئا مىيوۋ ئاپتونوم ۋىلايىتىنىڭ خىفىڭ ناھىيەسىدە، يەكشەنبە كۈنى باشلانغان پەسىللىك شىددەتلىك يامغۇر كۈتۈلمىگەن سەل ئاپتىگە سەۋەب بولغان.

ئىزدەپ قۇتقۇزۇش جەريانىدا، 61 كىشى تېپىلغان ۋە 13 كىشى ئۆلگەن. ئۆلكىگە تەۋە شىيان شەھىرىگە قاراشلىق يۈنياڭ رايونىدىكى سەل ئاپتىدە بولسا، 6 كىشى ئۆلۈپ، 6 كىشى يوقۇلۇپ كەتكەن.

رايوندا ئىزدەپ قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتاي جىددىي ھالەت باشقارمىسى 12ئىيۇلدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ ياز بويىچە شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن سۇ ئاپەتلىرىدە جەمئىي 19 مىليون 910 مىڭ كىشىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە 1 مىليون 300 مىڭ كىشىنىڭ بىخەتەر جايلارغا يۆتكىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر