ئىتالىيە سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال سېتىشنى توختاتتى

ئىتالىيە يەمەندىكى ئۇرۇشتا ئىشلىتىلگەنلىكىنى سەۋەب قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قورال سېتىشنى ۋاقىتلىق توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1246493
ئىتالىيە سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال سېتىشنى توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەنىڭ ر ۋ م (RWM) شىركىتى سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قورال سېتىشنى توختاتتى.

ئىتالىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىتالىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياسايدىغان ر ۋ م شىركىتى، ئىتالىيە ئىچىدىكى فابرىكا ۋە باشقا شېرىكلىرىگە مەكتۇب ئەۋەتىپ، يەمەندىكى ئۇرۇشتا ئىشلىتىلگەنلىكى سەۋەبىدىن، ئىككى دۆلەتكە قورال سېتىشتا ئېلىنغان قارارنى بىلدۈرگەن.

ئىتالىيە پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مەزكۇر شىركەت مەكتۇبىدا، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە پارچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قورال ئېكسپورتنىڭ، ئىيۇل ئېيى (2019) نىڭ ئاخىرىدىن تارتىپ 18 ئايلىق توختىتىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىتالىيە ئاۋام پالاتاسى 2019-يىلى 26-ئىيۇن سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ئايروپىلان بومبىلىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئېكسپورت قىلىشنى توسىدىغان لايىھەنى قوبۇل قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر