ئىدلىبتە بىر كۈن ئىچىدە 15 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

تۈنۈگۈن (29-ئىيۇل) بىر كۈن بويىچە سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىدىكى تۇرالغۇلارغا قىلغان ھاۋا بومباردىمانىدا جېنىدىن ئايرىلغان پۇقرالارنىڭ سانى 15 كە چىقتى.

1244624
ئىدلىبتە بىر كۈن ئىچىدە 15 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئايروپىلان كۆزىتىش ئۆيى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونى ئىچىدىكى مارراتىننۇمان ناھىيەسى بىلەن ھاما ۋىلايىتىنىڭ لاتمىن يېزىسىنى؛ رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ كەفەر زىتا ناھىيەسىنى كۈن بويى ھاۋادىن بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۈرىيە پۇقرالار قوغدىنىش تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۈنۈگۈن ئەتىگەندە ھامانىڭ كەفەر زىتا ناھىيەسىدە بەش، لاتمىن يېزىسىدا ئىككى، جەمئىي يەتتە كىشى جېنىدىن ئايرىلغان. كەچ تەرەپتىكى بومباردىماندا بولسا، سەككىز كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ۋە بىر كۈن ئىچىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 15 بولغان.

ھاۋا بومباردىمانلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرىنىڭ كۆپىيىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

رۇسىيە بىلەن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىغا ئۆتكەن ھەپتىدىن تارتىپ قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن قىلىۋاتقان بومباردىمانلىرىدا، جېنىدىن ئايرىلغان پۇقرالارنىڭ سانى 123 كە چىقتى.

سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش ئۆيى سۈرىيە ھاكىمىيىتى ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىغا 2019-يىلى 26-ئاپرېلدىن 12ئىيۇلغىچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 157 كىچىك بالا، 111 ئايال بولۇپ جەمئىي 606 پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر