خوڭكوڭدا ئىككى ئاپتوبۇس سوقۇشۇپ كېتىپ، 77 كىشى يارىدار بولدى

خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە باشقۇرۇش رايونىدا ئىككى ئاپتوبۇسنىڭ سوقۇشۇپ كېتىشى سەۋەبىدىن 77 كىشى يارىدار بولدى.

1244639
خوڭكوڭدا ئىككى ئاپتوبۇس سوقۇشۇپ كېتىپ، 77 كىشى يارىدار بولدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەربىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ھەر ئىككىسى قوش قەۋەتلىك ئاپتوبۇسلار خوڭكوڭنىڭ تىسۇئېن ۋان رايونىغا يېقىن تاي لام تونىلى چېقىشىدا سوقۇشۇپ كەتكەن. 

ۋەقەدە 77 كىشى يارىدار بولغان ۋە ئاپتوبۇس شۈپۈرلىرىدىن بىرسى ئاپتوبۇس ئىچىدە قاپسىلىپ قالغان.

قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقى، رايونغا 26 جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ۋە 15 ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى يوللانغانلىقى، يارىدار بولغانلارنىڭ بولسا، يېقىندىكى دوختۇرخانىلاردا بالنېستقا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋەقەنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈش باشىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر