خۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھەربىي بازىسىنى پاچاقلاپ تاشىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

يەمەندىكى ئىران قۇللاپ قۇۋۋەتلاۋاتقان خۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبىدىكى بىرلەشمە قىسىم ھەربىي بازىسىغا بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1243730
خۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھەربىي بازىسىنى پاچاقلاپ تاشىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خۇسىيلارنىڭ ھەربىي باياناتچىسى يەھيا سەرى «El-Mesira» تېلېۋىزىيەسىگە بەرگەن باياناتىدا، يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى نەجران ۋىلايىتىدە سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىمغا تەۋە ھەربىي بازىغا بۈگۈن ئەتىگەن قىسقا مۇساپىلىق بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ھۇجۇمدا بىرلەشمە قىسىم بازىسىدىكى ھەربىي ھەرىكەت ئىشخانىسىنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن يەھيا سەرى، ھۇجۇمدا يەنە ھەربىي قوماندانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە يارىدار قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

يەھيا سەرى ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان مەزكۇر ھەربىي بازىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان يەمەن چېگرا لىنىيەسىدىكى تۇقۇنۇشلاردا قوماندانلىق مەزكىرى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقان جاي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە بىرلەشمە قىسىمدىن بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچ قانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.

خۇسىيلار يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىق بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلاردىن باشقا يەنە، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپىپراتى بىلەنمۇ ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن پاچاقلاپ تاشلانماقتا.

ئۇرۇندىن بۇيان سىياسىي كىرىزىس داۋاملىشىۋاتقان يەمەندە ئىران تەرىپىدىن قۇللاپ قۇۋۋەتلىنىۋاتقان خۇسىيلار بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قوللاپ - قۇۋۋەتلەۋاتقان يەمەن ھۆكۈمىتى قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار داۋاملىشىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر